،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> ۋېن جياباۋ مەملىكەتلىك خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ، مۇستەھك

ۋېن جياباۋ مەملىكەتلىك خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ، مۇستەھك

2011-02-27 16:37:30 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:4قېتىم
   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ، مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھازىر ئېلىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق سۇ ئامبارلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-70-يىللىرى قۇرۇلغان، نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بۇ سۇ ئامبارلىرىدا مەسىلە كۆپ كۆرۈلۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بىر قاتار ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چىقىرىپ، 2008-يىلى ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە چوڭ ئوتتۇرا ۋە نۇقتىلىق كىچىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولۇشنى بېكىتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پائال مەبلەغ توپلاپ، قۇرۇلۇش باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتتى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 70 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، 7356 چوڭ، ئوتتۇرا ۋە نۇقتىلىق كىچىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنى ئۆز مۇددىتىدە ئورۇنلىدى.يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: چوڭ، ئوتتۇرا ۋە نۇقتىلىق كىچىك خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنى رېمونت قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ئاساسىدا قالغان كىچىك خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنى مۇستەھكەملەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سۇ ئامبارلىرىدىكى يوشۇرۇن خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش كېرەك، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە، سۈرئىتىگە، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.يىغىندا زامانىۋى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىش قەدىمىنى تېزلىتىش ھەققىدىكى پىكىر مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى ۋەزىيەتتە زامانىۋى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ــ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈزۈلمە ۋە مېخانىزىم ئىسلاھاتىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلغۇ بايلىقىنى توپلاپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ يېتەكچى قىلىنغان، كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، بازا يۆلەك قىلىنغان، كەسىپ، ئىلىم تەتقىقات ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك، 2020-يىلغا بارغاندا، قوللىنىلىش ئىستىقبالى كەڭ ۋە مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش كېرەك.يىغىندا «يەرنى قايتا ئېچىش نىزام لايىھىسى» قاراپ چىقىلدى ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. لايىھىدە مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن يەرلەرنى كىم بۇزغان بولسا شۇ قايتا ئېچىش پرىنسىپى بويۇچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئورنى ياكى شەخس قايتا ئېچىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ياكى تەبئىي ئاپەت سەۋەبلىك بۇزۇلۇپ كەتكەن يەرلەرنى قايتا ئېچىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىشى كېرەك.لايىھىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ھەرىكەتلىرىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن يەرلەرنى قايتا ئېچىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تارىخىي سەۋەبلەردىن ياكى تەبئىي ئاپەت سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن يەرلەرنى قايتا ئېچىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، يەرلەرنى قايتا ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى. تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت 
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ