،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> ئاقسۇدا بوران چىقىپ 12 سائەتتە 34 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئاقسۇدا بوران چىقىپ 12 سائەتتە 34 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

2011-03-18 16:53:08 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:30قېتىم
  

باي ناھىيىسى قاتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، كۆكتاتچى دېھقانلار بوران ئۆرۈپ تاشلىغان پارنىكلىرىنى تۈزىمەكتە
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرى: 14-مارت، مۇخبىر ئاقسۇ ۋىلايىتى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىن ئىگەللىشىچە، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ 13-مارت سائەت نۆلگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە چاڭ توزانلىق بوران چىقىپ جەمئىي 34 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاقسۇ شەھىرىدە 16 قېتىم، باي ناھىيىسىدە 13 قېتىم، كۇچا ناھىيىسىدە 3 قېتىم، توقسۇ ناھىيىسىدە 2 قېتىم يۈز بەرگەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۇدا قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. كۈچلۈك قۇم بورانلىق ھاۋارىيى ئېلىپ كېلىدىغان ھەر خىل ئاپەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى قىسىملاردىن ۋاقىتلىق جەڭگىۋار ھالەتكە كىرىشىنى، كۈچلۈك قۇم بورانلىق ھاۋارايىدا ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ