ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئوباما بىلەن زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئوباما بىلەن زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

2011-02-03 19:13:41 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:90قېتىم
  

    فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ يەر ۋاقتى 31–يانۋار ، ئاق ساراي باياناتچىسى گىبىس ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى Jon.Huntsmanنىڭ پات يېقىندا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ 2012–يىللىق زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ، شۇنداقلا ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالىشىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن .

    گىبىس Jon.Huntsman نىڭ ئاللىقاچان بىر نەچچە نەپەر سىياسىي ئەربابقا بۇ يىل يىل بېشىدا بېيجىڭدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ ، بىراق ئۇ Jon.Huntsmanنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى ئاشكارىلىمىغان ھەمدە پەقەت ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان .

    تاشقى دۇنيادىكىلەر ئاللىقاچان Jon.Huntsman نىڭ 2012–يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ، ئوباما بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان . يېقىندا Jon.Huntsman ‹‹ ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى ›› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا زۇڭتۇڭ سايلىمى توغرۇلۇق توختىلىپ ، نۆۋەتتە ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ، بىراق بۇ خىزمەتنى مەڭگۈ ئىشلەۋەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان . ‹‹ ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى ›› Jon.Huntsmanنىڭ ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىدىن Jon.Huntsmanنىڭ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئامېرىكىغا قايتقان ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان سىياسىي مەسلىھەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ، زۇڭتۇڭ سايلىمى توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېنىقلىغان .

    بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن Jon.Huntsman مىليونېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، ئىلگىرى ئۇ جۇڭگونىڭ تەيۋەندە دىن تارقاتقان ھەمدە ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن . Jon.Huntsmanيىل ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ ئاسىيا سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ ، جۇڭگونىڭ ياڭجۇ شەھىرىدىن 9 ياشلىق بىر قىزنى بېقىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭغا ياڭ لېيى دەپ ئىسىم قويغان .

    Jon.Huntsman ئەينى ۋاقىتتا سابىق زۇڭتۇڭ رېگاننىڭ ئاق ساراي ياردەمچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80–يىللىرى بېيجىڭغا زىيارەتكە كەلگەن ھەمدە دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا تۇرۇپ ، رېگاننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىش ئالدىدىكى تەييالىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن . ئارقىدىن Jon.Huntsman ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ، ئامېرىكا تارىخىدىكى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياش باش ئەلچى بولۇپ قالغان .

    2009–يىلى ، ئۇتا ئىشتاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان Jon.Huntsman ئوباما تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن . ئەينى ۋاقىتتا تەھلىلچىلەر ئوبامانىڭ قايتا سايلىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك رەقىبىنى يوقىتىش ئۇسۇلى دەپ پەرەز قىلىشقان .

( مۇھەررىر : نىجات )
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ