،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> يىڭجياڭنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا قۇرۇش تەييارلىقىغا يۆتكەلدى

يىڭجياڭنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا قۇرۇش تەييارلىقىغا يۆتكەلدى

2011-03-18 16:52:13 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:3قېتىم
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 15 – مارت تېلېگراممىسى. يىڭجياڭدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشتىن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش تەييارلىقىغا يۆتكەلدى.

    ھازىر يىڭجياڭنىڭ ئاپەت رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك 127 مىڭ 100 كىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپەت رايونىدا ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن جەمئىي 700دىن ئارتۇقى تەسىس قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.

    يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يىڭجياڭ رايونى يەر تەۋرەش ھەرىكىتى ئاجىز رايون بولۇپ، 10 – مارتتىكى يەر تەۋرەش ئاساسىي تەۋرەشنىڭ قالدۇقى تىپىغا تەۋە ئىكەن، يېقىندا يەنە كۈچلۈكرەك يەر تەۋرىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەن. ھازىر ئالاقىدار تارماقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىمارەتلەرنى باھالاش بىلەن بىللە، قۇتقۇزغۇچىلارنى خەۋپنى تۈگىتىش، چېقىش – كۆچۈرۈشكە تەشكىللەۋېتىپتۇ، پىلان بويىچە، يىڭجياڭ ناھىيە بازىرىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىش 17 – مارتتىن بۇرۇن پۈتۈنلەي تاماملىنىدىكەن، يىڭجياڭ ئاپەت رايونىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن بىنالارنىڭ خارابىسىنى تازىلاش، توشۇشنى باشلىغان ھەم نەق مەيداندا سۇ پۈركۈپ، چاڭ – توزاننى بېسىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان، تاشلاندۇقلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلغان.

    يىڭجاڭ ئاپەت رايونىدا 15 – مارتتىن ئېتىبارەن، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنى باھالاپ بېكىتىش خىزمىتى باشلانغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 10 – مارتتىكى يەر تەۋرەشتە ناھىيە بويىچە جەمئىي 12 يېزا – بازاردىكى 59 كەنت ۋە بىر دېھقانچىلىق مەيدانى ئاپەتكە ئۇچرىغان، يەرلىك ئورۇنلار كادىرلارنى ئاجرىتىپ، 40 خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن، ھەر بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى 50 – 100 ئائىلىلىكىنىڭ ئاپەتتە ئۇچرىغان زىيىنىنى باھالاپ بېكىتىپ بولۇش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، باھالاپ بېكىتىش خىزمىتىنى 18 – مارت تاماملىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 30 مۇتەخەسسىس ۋە يېزا – بازار كادىرى ئالتە خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ناھىيە بازىرى مەھەللىلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ ۋەيران بولۇش ئەھۋالىنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرىدىكەن ۋە باھالايدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە ئالاقىدار تارماقلار خەتەرلىك ئۆيلەرنى باھالاش، ئاپەتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا باھالاش دوكلاتى تەييارلايدىكەن ھەم ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىدىكەن.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ