ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> شىمالىي كورىيەنىڭ يوشۇرۇن يادرو بازىسى بار

شىمالىي كورىيەنىڭ يوشۇرۇن يادرو بازىسى بار

2011-02-03 19:12:08 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:17قېتىم
  


ب د ت نىڭ بىر دوكلاتىدا ئاشكارلىنىشىچە، ب د ت مۇتەخەسىسلىرى شىمالىي كورىيە(چاۋشىيەن) نىڭ ئاز دېگەندە بىر جايدا يوشۇرۇن يادرو بازىسى بار دەپ قارايدىكەن.
بۇ دوكلاتنى ب د ت مۇتەخەسسىسى  2010-يىلى 11-ئايدا شىمالىي كورىيەنىڭ مەخپىي يادرو ئەسلىھەسىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ئالىمى Siegfried Hecker نىڭ سۆزىگە ئاساسەن يەكۈنلەپ چىققان.
دوكلاتتا ئامېرىكا ئالىمىنىڭ ب د ت مۇتەخەسسىسىگە مەن كۆرگەن مەركەزدىن قاچۇرغۇچلار باشقا يوشۇرۇن يادرو بازىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن سۆزى نەقىل قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلات نەشىر قىلىنمىغان، ئالدىنقى ھەپتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
شىمالىي كورىيە ئەمەلدارى خەككېرنى مەخپىي يادرو بازىسىنى زىيارەت قىلدۇرغان، ئۇ مىڭدىن ئارتۇق مەركەزدىن قاچۇرغۇچنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.
2010-يىلى 11-ئايدا، شىمالىي كورىيە ئەمەلدارى سىتانفورت ئۇنۋېرسىتىدىن كەلگەن خەككېر ئەپەندىگە ئىقتىدارى تولۇق بولغان يوڭبىيان ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتىنى كۆرسەتكەن

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ