،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> ئېلىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىدۇ

ئېلىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىدۇ

2011-04-24 04:48:42 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:1قېتىم
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، شانلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىگە ئەگىشىپ، جەمئىيەت قىياپىتى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ بېسىمى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىسلاھاتى جىددىي بولۇپ قالدى، بۇنىڭدىكى ۋەزىپە ناھايىتى ئېغىر. سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش ئارىلىشىپ كەتكەن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى ۋە زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولىۋاتقان مەزگىل جەمئىيەت باشقۇرۇشقا يېڭى تەلەپ قويدى ۋە يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.

«12-بەش يىللىق پىلان»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، ئىدىيىۋى نۇقتىئىنەزەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، جەمئىيەت باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، «12-بەش يىللىق پىلان»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەنبەسىدىن تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلىمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك. ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر ئالاقە قىلىش ۋە كېڭىشىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق، مۇۋاپىق تەلىپىنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش لازىم.

جەمئىيەت باشقۇرۇش تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادەم باشقۇرۇش ۋە ئادەم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. لىن يى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ شاۋجۈن مۇنداق دېدى: جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتا خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق ئۈچۈن پىلان تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە ، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. جياڭسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سوڭ لىنفېي مۇنداق دېدى: نوقۇل مەمۇرىي ۋاسىتىگە تايىنىشتىن سۆزلىشىش، كېڭىشىش، ئالاقە قىلىش، ماسلىشىشتەك جەمئىيەت باشقۇرۇش شەكلىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش كېرەك؛ ئامما مەنپەئەت تەلەپلىرىنى بايان قىلىدىغان يوللارنى كېڭەيتىپ، ئامما نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدىغان «بىخەتەرلىك كلاپانى» مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

«12-بەش يىللىق پىلان»دا يەنە جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە ئاھالىلىرى مەھەللىنىڭ ئاممىۋى ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە دېموكراتىك باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت مەمۇرىي جەھەتتە باشقۇرۇش بىلەن ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش ۋە ياخشى ئۆز-ئارا ھەرىكەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

نۆۋەتتە ئېلىمىز جەمئىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ، يەرلىكتىكى بەزى زىددىيەت - ماجىرالار ھەر خىل شەكىللەردە كۆرۈلۈۋاتىدۇ؛ كۆچمە نوپۇسنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەل بولمايۋاتىدۇ ۋەھاكازالار.

«12-بەش يىللىق پىلان»دا مۇشۇنداق ئەھۋاللار نەزەرگە ئېلىنىپ بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرغا قويۇلدى.

جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر-يېزا مەھەللىلەرنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قوغداش، ئاممىۋىي بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا باشقۇرۇش، باشقۇرۇش داۋامىدا مۇلازىمەتنى گەۋدىلەشتۈرۈش كېرەك.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل


پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ