،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلدى

شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلدى

2011-04-24 04:45:29 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:2قېتىم
  

چېڭ لىشىن،جۇڭ شيۇلىڭ

    4 – ئاي كىرىشى بىلەن شىنجاڭدا جىمى مەۋجۇدات قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، تەبىئەت باھار تۈسىنى ئالدى. غۇلجا ناھىيەسىگە جايلاشقان ‹‹چىڭخۇا›› كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونىدا چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى توختىماي قاتناپ تۇراتتى، كىرانلار جىددىي مەشغۇلات قىلاتتى.

    9 – ئاپرېل سانائەت رايونىغا بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمان كەلدى، ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار بولۇپ، 200 گە يېقىن كىشى ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىن ئېچىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››تا چىڭ تۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئومۇمىي رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېزلىتىش ‹‹مارشى›› بۇ يىل باھاردا ياڭرىدى، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى يەنىمۇ تېزلىتىلدى.

    ھالقىما تەرەققىياتنىڭ زۆرۈر تاللىشى

    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن تەڭ يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بېكىتىلگەن ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ساقلاشقا دائىر كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنىڭ بىرى دەل ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش››نى تېزلىتىش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 – ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېڭىچە سانائەتلىشىشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايون يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى ھەم كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى؛ بىر قاتار ناشتىلىق يىغىن ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى؛ بۇ يىلنىڭ بېشىدا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى شەكلىدە يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن زور ئىشەنچ ۋە مەبلەغ ئارقىلىق ئەمەلىي ھەرىكەتكە كېلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى.

    ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قېتىم غۇلجىدا نەق مەيدان يىغىنى ئېچىشى دەل ۋەزىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

    يېڭىچە سانائەتلىشىش ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى مۇقەررەر تاللاش.

    ‹‹چىڭخۇا ئەندىزىسى››نىڭ شىنجاڭچە يەشمىسى

    باش باھاردا، ‹‹چىڭخۇا›› سانائەت رايونى ھەيۋەتلىك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى ‹‹چىڭخۇا سۈرئىتى›› بولدى.

    ‹‹چىڭخۇا›› گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى 2009 – يىل 19 – ئاپرېل تۇنجى قېتىم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم توققۇز كۈندىن كېيىن 2000 نەچچە كىشىلىك قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. بۇ ئارقىدىن بىر تۈركۈم ‹‹چىڭخۇا سۈرئىتى››نى مەيدانغا كەلتۈردى: 1 – ئىيۇل كۆمۈردىن گاز چىقىرىش تۈرى ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 2010 – يىلى 5 – ئايدا ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ يىل 2 – ئاينىڭ ئاخىرى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، 9 – ئايدا ماشىنىلارنى بىرلىكتە سىناش پىلانلاندى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 1 – قارارلىق كۆمۈردىن يېقىلغۇ گازى ئېلىش تۈرى مەملىكەت بويىچە سىناق تەرىقىسىدە تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلىدۇ...

    شىنجاڭ ‹‹چىڭخۇا›› ئېنېرگىيە گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ جۇڭ نەق مەيدان يىغىنىدا ئىشەنچ بىلەن: ‹‹تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، <چىڭخۇا سۈرئىتى> ئارقىلىق <شىنجاڭچە ئۈنۈم>نى نامايان قىلىپ، <بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش>تىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىدا ماڭىمىز. بىز جەزمەن تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى ئۈلگىگە ئايلىنىمىز››، دېدى.

    ‹‹چىڭخۇا سۈرئىتى››گە سېلىشتۇرغاندا، كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت سۆيەر زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتەك ‹‹چىڭخۇا ئەندىزىسى››نى ياراتقانلىقى بولدى.

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە، ‹‹چىڭخۇا››لىقلار 2009 – يىلى 4 – ئايدا ماكانلاشقاندىن باشلاپ، ئىلگىرىكى قاقاس جاينى كۆكەرتىپ، يېشىللىق كۆلىمىنى 3000 مودىن ئاشۇردى، ھەر خىل كۆچەتتىن 4 مىليون 220 مىڭ تۈپ تىكتى، ياتقۇزغان چىم 1600 مودىن ئېشىپ، كۆكەرتىشكە 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. شۈ جۇڭ: ‹‹بۇ يىل كۆكەرتىشكە يەنە 35 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالىمىز، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولىدىكەن، قانچىلىك مەبلەغ كەتسىمۇ ئايانمايمىز!›› دېدى.

    شۈ جۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹چىڭخۇا››نىڭ بارلىق كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، ئىش ئورنىدىن 30 مىڭنى بىۋاسىتە كۆپەيتىپ، يەرلىكتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

    مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن بايلىقتىن ئەڭ كۆپ پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇش، ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››تا چىڭ تۇرۇش، ‹‹چىڭخۇا ئەندىزىسى››نى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئالاھىدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قېتىمقى نەق مەيدان يىغىنىنى چىڭخۇا سانائەت رايونىدا ئېچىشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ.

    چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

    نەق مەيدان يىغىنىدا، شەندۇڭ ‹‹شىنفا››، خۇبېي ‹‹يىخۇا››، جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەسىراتى ۋە ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.

    كارخانىچىلار مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون خىزمەت يىغىنى ئېچىش شەكلىدە كارخانىلار بىلەن بىرمۇ بىر سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، چوڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى، رىقابەت ئىقتىدارى بار بىر تۈركۈم كارخانا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بەس – بەستە تەڭشەپ، شىنجاڭدىكى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىگە سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، تۈر، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭغا مايىللاشتى.

    چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ ئىشەنچى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە نامايان بولۇپلا قالماي، يەنە مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش، كارخانىلارنىڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىدە ئىپادىلەندى. بۇ كارخانىلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پائال قاتناشتى، نامراتلارنى يۆلەش ۋە ياردەم بېرىش، ئوقۇشقا پۇل ئىئانە قىلىش، سۇ ئامبىرى قۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ زور تۆھپىسى بار. نەق مەيدان يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى نەق مەيدان يىغىنى شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشىنى تېزلىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ‹‹سەپەرۋەرلىك يىغىنى›› بولۇپ، كۆپچىلىكنى ئېكسكۇرسىيە ۋە ئالاقە ئارقىلىق ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشقا، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈندەيدۇ.

    ‹‹جاڭ چۈنشيەن شۇجى يىغىندا يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېزلىتىشكە بەش تۈرلۈك تەلەپ قويدى، كېيىنكى باسقۇچتا بىز چوقۇم شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز››، دېدى مەخسۇس شەندۇڭدىن نەق مەيدان يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن شەندۇڭ ‹‹شىنفا›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شۆشىن قەتئىي تەلەپپۇزدا.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ