،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> ئېلىمىز زور كۆلەمدىكى ئۆي چېقىش، ئۆي سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ ئې

ئېلىمىز زور كۆلەمدىكى ئۆي چېقىش، ئۆي سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ ئې

2011-02-18 23:45:19 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:27قېتىم
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

شەھەر بازارلاردىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى كۆپەيتىش، ئازايتىشقا چېتىشلىق سىناق ئورۇن ۋە يېزىلاردىكى يەرلەرنى تۈزەش خىزمىتىنى قەتئىي قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى قاتارلىق مەركەز ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى جايلاردىكى شەھەر بازارلارنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى كۆپەيتىش، ئازايتىشقا چېتىشلىق سىناق ئورۇن ۋە يېزىلاردىكى يەرلەرنى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ۋە تەكشۈرۈپ، زور كۆلەمدىكى ئۆي چېقىش، ئۆي سېلىش، دېھقانلارنى مەجبۇرىي بىنا ئۆيگە چىقىرىش قىلمىشلىرىنى ئەستايىدىل رەتكە سالىدۇ.

تەكشۈرۈپ، بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتى: ئۆزى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تەكشۈرۈپ توغرىلاش، ئارىلاپ تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلىنىدۇ.

زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جايلاردا ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆزى توغرىلاش ئاساسىدا ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. ئۆزى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە تۈزىتىش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى كۈچلۈك بولمىغانلىرىنىڭ چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تەرتىپكە سېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئاراپات ھۈسەنجان

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ