،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> ئىلى ئوبلاستىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى

ئىلى ئوبلاستىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى

2011-04-24 04:45:20 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:2قېتىم
  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى: ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇش تۈرلىرى بۇ يىلقى تۈر قۇرۇلۇشىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى.

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە بۇ يىل ئاپرېل كىرگەندىن بۇيان، 23 مىليون 576 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 21 قوش تىللىق بالىلار يەسلى قۇرۇلۇشىنىڭ 12سىدە ئىش باشلاندى؛ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ۋە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشلىرىغا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى؛ناھىيە دوختۇرخانىسىنى ئۆلچەملەشتۇرۇپ قۇرۇش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تۈرى قۇرۇلۇشىغا 141 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى؛ قورغاس ناھىيەسى 3400 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى.

    ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق جايلار 1 مىليون 760 مىڭ دېھقان–چارۋىچىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە چېتىشلىق بولغان يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش ،‹‹12-بەش يىل››لىق پىلان مەزگىلىدە 4 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 5000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى تاماملاشنى بېكىتتى.

    بۇ يىلقى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدا ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ياردەم تۈرى 82 گە، ياردەم مەبلىغى 955 مىليون يۈەنگە يەتتى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ شەھىرى بۇ يىل 120 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، غۇلجا ناھىيەسىدە 10 تۈردىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ قۇرۇلۇشىنى تاماملايدۇ.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ