،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> شايار ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ‹‹ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

شايار ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ‹‹ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

2011-04-24 04:45:18 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:2قېتىم
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاھىرجان نىياز، ئىبرايىم ئەلقەم خەۋىرى: 14-ئاپرىل، شايار ناھىيە قىزىل بايراق بازىرىنىڭ يانمەھەللە كەنتىگە ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئەۋەتكەن ھال سوراش گۇرۇپپىسى ئۈچ توننا خېمىيەۋى ئوغۇتنى ئېلىپ كەلدى. ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئالدى بىلەن كەنت مەسئۇللىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش، ئېتىز بېشىغا بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈش، دېھقانلار ئاممىسى بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق، كەنتتىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىقتىسادىي ناچار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 35 نامرات دېھقان ئائىلىسىنى ئېنىقلاپ چىقتى ۋە ئېلىپ كەلگەن خېمىيەۋى ئوغۇتلارنى ئۇلارغا تارقىتىپ بەردى.

   قىزىل بايراق بازار يانمەھەللە كەنتىدىكى ياردەمگە ئېرىشكەن دېھقان زەينەپخان سىدىق تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە ئوغۇت ئالالماي بېشىمىز قېتىپ تۇرغاندا، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش بىزگە ئوغۇت تارقىتىپ بەردى. بۇلارغا مىڭ رەھمەت.

   ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ناھىيەنىڭ ئاساسلىق بەنزىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرىنىڭ ‹‹ئىلغارلىقنى تالىشىش، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش››پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ ۋە ئۈلگە بولۇپ،‹‹ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش››نى‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، نامرات دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت دېھقاننىڭ جېنىغا جان قوشقىلى بولىدىغان ئەمەلىي ئىشلاردا ئەمەلىيلەشتۈردى.ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەلىي پائالىيىتى دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

   ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش قىزىل بايراق بازىرىنىڭ يانمەھەللە كەنتىنى يار-يۆلەك نۇقتىسى قىلغان بەش يىل مابەينىدە ،كەنت پارتىيە ياچېيكىسى،كەنت كومېتىتى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، بۇ كەنتتىكى نامرات،قىيىنچىلىقى بار، يېتىم-يېسىرلار، ئاجىز-مېيىپلارغا يىلدا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 20مىڭ يۈەن قىممىتىدە نەق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى  يەتكۈزۈپ كەلگەن.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ