،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئۆزبېكىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئۆزبېكىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2011-04-24 04:45:15 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:2قېتىم
  

    مېھرىگۈل غوپۇرخەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن 18 – ئاپرېل كەچتە ئۆزبېكىستان جۇڭگو – ئۆزبېكىستان دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تاشكەنت مالىيە – ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئەلىشىر ۋاھاپوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    ئەركىنجان تۇراخۇن مېھمانلارنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، مەركەز شىنجاڭغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى، بولۇپمۇ مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر قايسى تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، سېلىنما سالمىقى زور، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈكلۈك رولى كۈنسايىن گەۋدىلەندى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەتنى باشلامچى قىلىپ، چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەلشىر ۋاھاپوف: ئورتاق تىرىشىپ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ