،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> كۈيتۈڭ–بېيتۈن تۆمۈر يولىنىڭ قارامايدىن بېيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى

كۈيتۈڭ–بېيتۈن تۆمۈر يولىنىڭ قارامايدىن بېيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى

2011-04-24 04:45:14 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:2قېتىم
  

شىمالىي شىنجاڭنىڭ چەت رايونلىرىغا پويىز قاتنىماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى

    يۈەن لېي خەۋىرى : بىر يۈك پويىزىنىڭ 18 – ئاپرېل بېيتۈن ۋوگزالىغا ئاستا – ئاستا كىرىشى بىلەن شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن كۈيتۈڭ – بېيتۈن تۆمۈر يولىنىڭ قارامايدىن بېيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىدە ئوڭۇشلۇق قاتناش باشلىنىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ چەت رايونلىرىغا پويىز قاتنىماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى.

    ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، تۇنجى قېتىم قاتنىغان يۈك پويىزىغا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە ساپ مىس ئۇۋۇندىسى قاچىلانغان بولۇپ، پويىز لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى بويلاپ شەرققە ئىلگىرىلىگەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ چەت رايونلىرىمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورت ئالاقىسى قىلالايدىغان بولغان.

    كۈيتۈڭ – بېيتۈن تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 468.5 كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبتا لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ كۈيتۈڭ ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، قاراماي، ئورقۇ، بۇرۇلتوقايدىن ئۆتۈپ، بىڭتۇەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى مۇھىم بازار بېيتۈنگە تۇتىشىدۇ، قۇرۇلۇشقا 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي لىنىيەدە 22 ۋوگزال تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 148 كۆۋرۈك، 1190 سۈڭگۈچ، 1 تەشمە بار.

    كۈيتۈڭ – بېيتۈن تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلىنىشى شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، قېزىلما بايلىقى، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، قاتناش شارائىتى ۋە سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر ئوبوروتىنى تېزلىتىش ھەم شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ