،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> مۇھىم پائالىيەتلەردىكى يېمەك -ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىت

مۇھىم پائالىيەتلەردىكى يېمەك -ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىت

2011-02-18 23:45:18 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:4قېتىم
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 

دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن «مۇھىم پائالىيەتلەردىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش قائىدىسى»نى ئېلان قىلىپ، مۇھىم پائالىيەتلەردىكى يېمەك -ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى. قائىدىدە مۇھىم پائالىيەتلەرنى يېمەك -ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە ئاساسلىق ئۈستىگە ئالىدىغان 10 تۈرلۈك مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قائىدىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇھىم پائالىيەتلەرنى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئورۇنلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، قائىدە جەمئىي ئالتە باب، 34 ماددا بولۇپ ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ