ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> ئابلەت ئابدۇرىشىت جۇڭگو-زامبىيە يورۇقلۇق سەپىرى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىن

ئابلەت ئابدۇرىشىت جۇڭگو-زامبىيە يورۇقلۇق سەپىرى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىن

2011-04-24 04:44:41 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:119قېتىم
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

زامبىيە پىرېزىدېنتى بەندا بىلەن جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت تۈنۈگۈن زامبىيەنىڭ كوپپېر ئۆلكىسىدىكى كېتىۋى شەھىرىدە 2011-يىللىق جۇڭگو-زامبىيە يورۇقلۇق سەپىرى ھەرىكىتى پائالىيىتىنىڭ تولۇق ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمغا قاتناشتى. ئىككى تەرەپ مۇراسىمغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى قىسقىغىنا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بەندا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ياردەم بېرىش بىلەن، زامبىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىن ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، زامبىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئابلەت ئابدۇرىشىت مۇنداق دېدى: جۇڭگو زامبىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە ئىشىنىمەن.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ