،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> ئائىلە تەربىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ئەمەلىيىتى پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇ

ئائىلە تەربىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ئەمەلىيىتى پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇ

2011-02-18 23:45:17 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:2قېتىم
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 

مەملىكەتلىك ئاياللارنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىپ، ئىككىدە بەسلىشىش»، «ئاياللار تۆھپە يارىتىش» پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ھەم تىنچ ئائىلە بەرپا قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، مەملىكەتلىك «بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلە» بەرپا قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، جۇڭگو بالىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ۋە مەملىكەتلىك «قوش لاياقەتلىك بولۇش» ئائىلە تەربىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ئەمەلىيىتى پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېن جىلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

چېن جىلى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: 2011-يىلى، ھەرقايسى ماسلاشتۇرۇش ئورگانلىرى ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دۆلەت ۋە ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئورگانلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار ۋە بالىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاياللارغا ئەمەلىي، تەسىرى ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ بېرىشى كېرەك.

تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ