جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى يولۇچىلار توشۇش ئۇچاستىكىسى بېيجىڭ شىزاڭ پويىز ئەترىتىنىڭ T 27-،28-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزى2006-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە،پايتەخت بېيجىڭدىن دەشت-باياۋان، قارلىق ئېگىزلىك ئارىسىدا توختىماي قاتنىدى. بېيجىڭ-شىزاڭ پويىز ئەترىتى 15 گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ. 500دىن ئارتۇق پويىز خىزمەتچىسى بار. ئۇلار دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىرى ئېگىزلىكتە ئۈنتۈنسىز تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ساما يولىدىكى ھەسەن-ھۈسەن، قەھرىمان پويىز ئەترىتى دېگەن تەرىپىگە ئېرىشتى.
بېيجىڭ-شىزاڭ پويىز ئەترىتى 6-گۇرۇپپىسىنىڭ ئايال باشلىقى ليۇ دى مۇنداق دېدى: بېيجىڭ-شىزاڭ لىنىيەسىدىكى پويىز خادىملىرى زاڭزۇ، ئىنگلىز تىلىدا ئادەتتىكىدەك سۆزلىيەلىگەندىن باشقا يەنە ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇھىت قوغداش، مىللىي دىنى سىياسەت، زاڭزۇلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ساۋاتلار ۋە پويىزنىڭ ئېگىزلىكتە يۈرگەندە توك توختاپ قىلىش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، پويىزنى جىددىي توختىتىش، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت يارىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. 2008-يىلى3-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ-شىزاڭ پويىز ئەترىتى5-گۇرۇپپىسى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان T28-قېتىملىق پويىز لاسا-ھېلموت ئارىلىقىدا كېتىۋاتقاندا، چۈجېن ئىسىملىك بىر زاڭزۇ ئايالنىڭ ئۇشتۇمتۇت تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغانىدى. جىددىي پەيتتە كومپارتىيە ئەزاسى، پويىز باشلىقى لى رەن دەرھال باشقا خادىملارنى تەشكىللەپ بىر كارىۋاتنى بوشىتىپ، ئۆزى تۇغۇت ئانىسى بولدى. سائەت 4تىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، چۈجېن يەڭگىدى. ئۇنىڭ يولدىشى لى رەننىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇپ ھېچ نېمە دېيەلمىدى.
ھازىر، بېيجىڭ-شىزاڭ پويىز ئەترىتى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ بۆشۈكىگە ئايلاندى. بۇ ئەترەت باشقا پويىز ئەترەتلىرىگە 10دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى پويىز باشلىقىنى يەتكۈزۈپ بەردى ھەم تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ قىزىل بايراق پويىز ئەترىتى، بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ 10 چوڭ نەمۇنىلىك ماركا دېگەن شەرەپلىك نامىغا ئېرىشتى.
بېيجىڭ-شىزاڭ پويىز ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، تۇنجى قېتىم تەيىنلەنگەن پويىز باشلىقى جاڭ پېڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى پويىز ئەترىتىنىڭ 1-، 13-گورۇپپىلىرىدا ئىشلەيدۇ. تۆت يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ بىرگە تۇرغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز بولدى.
بېيجىڭ يولۇچىلار توشۇش ئۇچاستىكىسى پارتكومنىڭ سېكرېتارى لياڭ جۇ مۇنداق دېدى: تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ، بىز ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇش، ئىشچى خىزمەتچىلەر تەلىم تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناق سەپەر شارائىتىنى ھازىرلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۇنيادىكى داڭلىق پويىز قاتنىشىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تۆھپە قوشىمىز.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت