ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەنزىرىسى 20مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى جەلپ قىلدى

تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەنزىرىسى 20مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى جەلپ قىلدى

2011-09-06 11:34:44 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم

تارىم ئويمانلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى، جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسى ئارقىلىق، 20مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ شامال، قوياش ئېنېرگىيەسى ئالاھىدە مول بۇ رايونغا مەركەزلەشتى.

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلاردىن كەلگەن يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى كورلا شەھىرى، چەرچەن ناھىيەسى قاتارلىق تۆت ناھىيە شەھەر بىلەن مەبلەغ سوممىسى 20 مىليارد 660مىليون يۈەن كېلىدىغان پاكىز ئېنېرگىيە تۈرىدىن بەشنى ئىمزالىدى، بۇ شامال، قوياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش، يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ توختامنىڭ %64نى ئىگىلەيدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوياش ئېنېرگىيەسى بايلىق مىقدارى ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، بۇ يەر قوياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون. 12-بەش يىلدا شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئېنېرگىيە تەمىنلىشىدىكى نىسبىتىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، 2015-يىلغىچە جۇڭگودىكى مۇھىم چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ۋە يورۇقلۇق ئېلېكتىر بازىسى بەرپا قىلىدۇ.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ