،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> ئېلىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۈستىد

ئېلىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۈستىد

2011-02-18 23:45:10 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:7قېتىم
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

2011-يىلى تولۇپ تاشقان غەيرەت، ئۈمىد، ئارزۇ بىلەن يەنە بىر بەش يىلنى كۈتىۋالدۇق. ئېلىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۈستىدە ئويلىغانلىرى بار.

1. ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىش. خۇنەن ئۆلكىسى پىڭجياڭ ناھىيەسى جىڭگۈەن قېرى چۆرىلەرنى بېقىش ئورنىنىڭ باشلىقى يۈ شىڭخۇ خوشال بولغان ھالدا: بىز كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا 600 كارىۋات سېتىۋالماقچى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىغا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىپ، قېرى چۆرىلەرنى بېقىش ئورنى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ئۇنى ياشانغانلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

2. پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇش. فۇجۇدا توپتوغرا يەتتە يىل ئىشلەمچىلىك قىلغان تەن سوڭبەي بۇ يىل چاغاندا ئىنتايىن خوشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىم فۇجۇدا ئاخىرى ئوقۇيالايدىغان بولدى. پۇل تاپشۇرمىساممۇ بولىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا فۇجيەن ئۆلكىسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغانلار پەرزەنىتلىرىنىڭ ئاممىۋى مائارىپ سىستېمىسىغا كىرىشى، ناھىيەلەر مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق تاماملايدۇ. تەن سوڭبەي: كەلگۈسىدە مائارىپنىڭ تېخىمۇ قۇلايلىق بولىشى، ئاتا ئانىلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىشى، بالىلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىستىقباللىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

3. قىيىنچلىقتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئىللىقلاشتۇرۇش. گەنسۇ ئۆلكىسى داڭچاڭ ناھىيەسىدىكى ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان دىيەنشىنچېڭزى زاڭزۇ يېزىسى مىنفۇ كەنتىدىكى ياڭگۈيجۈننىڭ ئائىلىسىدىكى ئالتە نوپۇس 2008-يىلىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىدى. ھۆكۈمەت 180 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ يەردە كۈنسايىن مۇكەممەللىشىۋاتقان قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ مەدەت بولغانىدى. بۇ كەنىتتىكىلەر كەلگۈسى بەش يىلدا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش كاپالىتى تورىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

4. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى بارغانسېرى راۋاجلاندۇرۇش. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى تيەنياڭ ناھىيەسى تيەنجۇ بازىرى شىڭچېڭ كەنتىدىكى خۇاڭ زىگاڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: كەنتىمىزنى غەربى جەنۇبتىكى پەمىدۇر ئۆستۈرۈش بىرىنچى كەنتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدا تۈجۈپىلەپ ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قىلىمىز. بۇ كەنىتتىكى كۆپلىگەن كىشىلەر 12-بەش يىلدا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۇ 12-بەش يىلدا دېھقانلار كۈنىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.

5. مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش. گۈيجۇ ئۆلكىسى لېيشەن ناھىيەسى شىجياڭ چيەنخۇ مىياۋزۇ كەنتىدىكى كۆپلىگەن كىشلەر ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش دولقۇنىدا مېھمانخانا، زېبۇ زىننەن دۇككۇنى، دېھقانلار شادلىقى تاماقخانىلىرىنى ئاچتى. دېھقانلار شادلىقى تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى ئانوڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك بىزنى بېيىتتى. بىزدە پۇل بار ،ۋاقىتمۇ چىقرالايمىز. مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ بېيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كۆپلىگەن دېھقانلار 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، دۆلەت سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، يېزا بازارلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنى مەدەنىيەت قارىشىدا بۇرۇلۇش ياسىشىغا يىتەكلەپ، ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

6. قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش. نېفىت تەبىئي گاز قېدىرىش مەيدانى، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى سۇپىسى، پولات تۆمۈر بازىلىرىدا قۇرۇلۇشچىلار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ئىش ئورۇنىدىكى قىزغىنلىق يۇقۇرى بولدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش مەزگىلى ئادەمنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، ۋەزىپىمۇ شۇنداق، 12-بەش يىلدا دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تېز بولىشى، قۇرۇلۇشنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ