ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چىشۈي شەھىرى تيەنتەي بازىرىدىكى دائىرىسى مىڭ مو كېلىدىغان تاغقا ئوت كەتتى

گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چىشۈي شەھىرى تيەنتەي بازىرىدىكى دائىرىسى مىڭ مو كېلىدىغان تاغقا ئوت كەتتى

2011-09-06 11:36:59 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
نەچچە ئايغا داۋاملاشقان ئىسسىق ۋە قۇرغاق ھاۋارايى سەۋەبلىك، 4-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چىشۈي شەھىرى تيەنتەي بازىرىدىكى دائىرىسى مىڭ مو كېلىدىغان تاغقا ئوت كەتتى. ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسىر- ئەسكەرلىرى ۋە شۇ يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى خادىملىرىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئوت ئۆچۈرۈشى بىلەن، نۆۋەتتە ئوت ئاپىتى ئاساسەن كونترول قىلىندى. ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم ھەققىدە دوكلات بېرىلمىدى.
چىشۈي شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ جىجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان، چىشۈي شەھىرىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىسسق، قۇرغاق ھاۋايى كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ 8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۇدا 20 كۈن تېمپۇراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقان. ئەڭ يۇقىرى تېمپۇراتۇرا 45 سېلسىيە گرادۇسقا يېقىنلاشقان. ئىسسق، قۇرغاق ھاۋارايى تۈپەيلىدىن 90 مىڭ ئادەم ئىچىملىك سۇ قېيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. بۇ يەنە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ