،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> جيا چىڭلىننىڭ «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشتىكى بىر

جيا چىڭلىننىڭ «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشتىكى بىر

2011-02-18 23:45:09 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:3قېتىم
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

16-ئاپرېل نەشىر قىلىنغان ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 4-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىننىڭ «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشتىكى بىر قانچە زور قۇرۇلۇش» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

 ماقالىدە مۇنداق دەپ قارالدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە مۇنداق بىر قانچە زور قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

1. ئورمان بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش سالمىقىنى زورايتىش.

2.يايلاق ۋە نەم يەر قۇرۇلۇشىنى قوغداش.

3. دېڭىز ئوكيان بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ ۋە پايدىلىنىپ، دېڭىز ئوكيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش.

4.ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما ئازايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ۋە ئايلانما ئىقتىسادنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش.

ماقالىدە مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە قاتنىشىشى ۋە ھەرىكەتلىنىشكە توغرا كېلىدۇ . پۈتۈن جەمئىيەتتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلىشتا، ساغلام مەدەنىي ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداشنى 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ