ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> شىنجاڭنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە تاغ جىنسلىرى غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

شىنجاڭنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە تاغ جىنسلىرى غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

2011-09-13 00:19:21 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم

9-سېنتەبىر سەھەر سائەت 2 دە شىنجاڭنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە تاغ جىنسلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 7 كىشى كۆمۈلۈپ قالدى، ھازىرغىچە، بۇ 7 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئىسپاتلاندى.

تاغ جىنسلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى، كانچىلىق رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر شۇ كۈنى تۇشمۇ تۇشتىن نەق مەيدانغا يېتىپ باردى، قۇتقۇزغۇچى خادىملار تاغ جىنسلىرىنىڭ داۋاملىق ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالىغا قارىتا، ئالدىنقى سەپتىكىلەر كۆزىتىش، ئوتتۇرا سەپتىكىلەر ماشىنا ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، بىر مىنۇت ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى، 10-سېنتەبىر سائەت 9 يېرىمدىن باشلاپ، يەتتە سائەتتىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، كۆمۈلۈپ قالغانلارنىڭ جەسىتى ئاخىر تېپىلدى، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەر بولۇپ، ئەڭ چوڭى 39 ياش، ئەڭ كىچىكى 22 ياش ئىكەن.

 

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ