ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> تۆمۈر يوللاردىكى يولۇچىلار كۆپەيدى

تۆمۈر يوللاردىكى يولۇچىلار كۆپەيدى

2011-09-13 00:20:11 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يوللار پويىزنىڭ يۈرۈشىنى ئۈچ قېتىم تەڭشەپ، يولۇچىلارنى توشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردىكى يولۇچىلارنى توشۇش مىقدارى ئۆتكەن يىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.
قاتناش باشلانغانلىقىغا ئىككى ئايدىن ئاشقان بېيجىڭ شاڭخەي يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولى تۈنجى تاۋۇز چاغىنى دەم ئېلىش كۈنىنى كۈتىۋالدى. بېيجىڭ جەنۇبى ۋوگزالىدا ئۇدا ئۈچ كۈندىن بۇيان بېيجىڭدىن شاڭخەيگە بارىدىغان چاقماق پويىزغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار تەخمىنەن 40 مىڭغا يېتىپ ، ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. تۈنۈگۈن مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردىكى يولۇچىلار 6 مىليون 680 مىڭغا يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36 ئېشىپ، تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدىكى يولۇچىلار ئەڭ كۆپ بىر كۈن بولدى. بۈگۈنمۇ يولىچىلار داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن .
ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يوللاردا ھەر كۈنى جۈپ پويىز قاتنىماقتا. بۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن جۈپ كۆپ. مەملىكەت بويىچە چاقماق پويىز بېلىتى بېلەت ئالغۇچىنىڭ ئۆزىگە سېتىلماقتا. بېيجىڭ–شاڭخەي، بېيجىڭ–تيەنجىن شەھەرلەر ئارا چاقماق پويىز بېلىتى يولۇچىلارغا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن توردا سېتىلماقتا. 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردىكى يولۇچىلار 1 مىليارد 274 مىليونغا يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئېشىپ تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ