ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> پەن-مائارىپ >> دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى

دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى

2011-09-13 00:36:52 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، بىر قىسىم قەلەم ساھىبلىرىنىڭ، بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى مۇھەررىرلىرىنىڭ مىننەتسىز مېھنەتلىرى بەدىلىگە ئاپتونوم رايونىمىزدا بالىلارغا دائىر بىرمۇنچە ئىجادىي ئەسەرلەر، چۆچەك، مەسەل، تېپىشماقلار ئايرىم-ئايرىم توپلام ھالىتىدە نەشر قىلىنىپ، بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتتى.
بالىلار كىتابلىرىنى پىلانلاش، تەھرىرلەش ئاسان ئەمەس. بالىلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى ياش پەرقى زور بولغاچقا، چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ تەپەككۇرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن، بىر بالا ئاتلانغۇچنىڭ بىر ئۇچىنى ئىشىك يېنىدىكى دەرەخكە، يەنە بىر ئۇچىنى ئايغا باغلاپ رەسىم سىزىشى مۇمكىن. چوڭلارنىڭ تەپەككۇرىدە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئەمما، بالىلارنىڭ نەزەرىدە ئۇ مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىدۇ. بۇ «بالىلارچە ساددا تەپەككۇر ئېڭى»دۇر. لاياقەتلىك مۇھەررىر بالىلارنىڭ بۇنداق ساددا تەپەككۇر ئېڭىغا ئاساسەن بالىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بالىلارغا بالىلار تىلى بىلەن چۈشەندۈرەلەيدىغان كىتاب پىلانلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزدىكى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ۋە تەلىپى بارغانچە ئېشىۋاتىدۇ. ھازىرقى بالىلار بالىلار ھېكايىلىرى، چۆچەك، شېئىر، قوشاقلارنى ئوقۇشتىن سىرت، ھەر قايسى ئەللەردىكى داڭلىق بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ قىزىقارلىق ھېكايىلىرى، كۆپ قىسىملىق بالىلار تىياتىرلىرىنى كۆرۈشكە ئامراق. ئېنىقراق ئېيتساق، ھازىرقى بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىدە زور بۇرۇلۇش بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، قانداق قىلغاندا زامانىمىز بالىلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى ئۇرغۇتالايدىغان، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشەلەيدىغان ياخشى كىتابلارنى كۆپلەپ پىلانلىغىلى، تەييارلىغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى مۇھەررىرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلە.  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ كىتاب چىقىرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەردە نەشر قىلىنغان بالىلارغا دائىر نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىللە، بالىلار ئەدەبىياتى يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى، شائىرلارغا تېما بەلگىلەپ بېرىش، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ۋاقتىدا تەھرىرلەپ، نەشر قىلدۇرۇش دەۋرنىڭ مۇھىم تەلەپلىرىدىن بىرىدۇر.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ