ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> زولىك ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىرىزىسقا بىرلىكتە تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى

زولىك ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىرىزىسقا بىرلىكتە تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2011-09-16 01:03:34 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:3قېتىم

دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى لوبىرت زولىك تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىي يېڭىدىن خەتەرلىك رايونغا كىردى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغىلا ئەمەس، كەلگۈسىدە ساغلام خەلقئارا سىستېما ئورنىتىشقىمۇ ھەمكارلىشىپ، كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

زولىك مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادىي ئېغىر ئەھۋالدا تۇرماقتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى ھەمدە ساغلام دۇنياۋى سىستېما قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياۋروپا، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ھەممىسى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ياۋروپا ئورتاق پۇلغا ئورتاق مەسئۇل بولۇشى، ياپونىيە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇشى، ئامېرىكا قىزىل رەقەمنى ئازايتىپ، مالىيە ئەھۋالىنى ياخشىلىشى كېرەك.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ