ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلاتى يەنە ئاشىدۇ

بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلاتى يەنە ئاشىدۇ

2011-09-16 01:16:35 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
نۆۋەتتە يېڭى پاختا ئارقا-ئارقىدىن سېتىۋېلىنماقتا، جۇڭگو پاختا جەمئىيىتىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 9-ئايدىن 2012-يىلى 8-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پاختا مەھسۇلاتى يەتتە مىليون 380 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشىدىكەن.
جۇڭگو پاختا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى گاۋ فاڭ مۇنداق دېدى: ئىچكى، تاشقى ئىقتىسادىي مۇھىت، پاختىغا بولغان ئېھتىياج ۋە مەبلەغ سېلىنمىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇلتۇر دۆلەت ئىچىدىكى پاختا باھاسى ناھايىتى ئېگىز-پەس، داۋالغۇش دائىرىسى كەڭ، داۋالغۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولدى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا دۆلەت پاختىنى ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش سىياسىتىنى چىقاردى، بۇ-بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختىكارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق بولدى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش نىزامى چىقىرىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ، يىغىپ ساقلاشتا كۆرۈنەرلىك رول ئويناپ، پاختا باھاسى مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى.
گاۋ فاڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت بۇ يىللىق پاختا خىزمىتى ھەققىدە ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش لايىھەسىنى يولغا قويدى، ئەگەر بازار باھاسىدا ھەر توننىسى 19 مىڭ 800 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېلىنىدۇ، ئەگەر ھەر توننىسى 19 مىڭ 800 يۈەندىن يۇقىرى بولسا، نەرخىگە قاراپ بازارغا سېلىنىدۇ. يىغىپ ساقلاش سىياسىتىنىڭ كاپالىتىدە، بۇ يىل دۆلەت ئىچىدىكى پاختا بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ.
 
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ