
كونىلاردا «جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق» دېگەن ھېكمەت بار، شۇڭا ئاسماندىن بىكارغا تاماق چۈشمەيدۇ، پۇلنىمۇ شامال ئۇچۇرۇپ ئەكەلمەيدۇ، ئەمما ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي يوركشېردا كىشلەر «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»نى بايقىدى.

كىشىلەر بۇ دەرەخنى بايقىغاندا ھەيران قېلىشقان، بۇ تەڭگىلەر زادى نەدىن كەلگەن؟
تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا بۇ دەرەخ 18-ئەسىردىكى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ «تىلەك دەرىخى» ئىكەن، شۇ چاغدا كىشلەر تەڭگىنى دەرەخكە مىخلاپ ئاندىن تىلەك تىلەيدىكەن.


