،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ پىكىر ›› تارقىتىپ ، يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ پىكىر ›› تارقىتىپ ، يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

2011-02-18 23:45:07 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:4قېتىم
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – فېۋرال تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››دە پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى بىلەن پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

    ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ تەبىئىي تارىخىي مەدەنىيەت قىياپىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزىلاردا مەدەنىي مەھەللە، مەدەنىي بازار قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇلۇشى دېموكراتىك، مۇلازىمىتى مۇكەممەل، مەدەنىي، ئىناق مەھەللە مۇھىتى ھەم قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدىغان، سەمىمىي، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان، پاكىز ھەم تەرتىپلىك بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ مۇكەممەل قائىدە – بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ، دېھقانلارنى ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشقا يېتەكلەپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېزىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئەمىن يېزا – بازار قۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، فېئودال خۇراپاتلىق، سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەر، قىمارۋازلىق، زەھەر چېكىش ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئېنىقلاش كېرەك. مەنىۋى مەدەنىيلىكنى شەھەر – يېزىلاردا تەڭ بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىي ناھىيە – شەھەر، مەدەنىي شەھەر – بازار بەرپا قىلىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك ئېھتىياج مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر كۆپرەك كارخانىلار بىلەن قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئورتاق قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزىلاردا خالىس مۇلازىمەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياشانغان ئىگە – چاقىسىزلار، مېيىپلەر، تۇل ئاياللار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. پەن – تېخنىكا خالىس مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارغا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، كەسپىي تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

    ‹‹پىكىر››دە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىش ۋە ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش، ئىلغارلىقنى تالىشىش پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا، ئىلمىي تەرەققىياتنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇپ، جامائەت مالىيەسىنىڭ يېزىلارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ھەم چەت – ياقا، نامرات ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا مايىللاشتۇرۇشى كېرەك. شەھەرلەرنىڭ يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جىپسىلىشىش، ئورتاق مەنىۋىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئەترىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا – بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت ئەمەلدارلىرى، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملارنىڭ يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. 

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ