ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش ھەققى بېلەت قىممىتىنىڭ %5 گە چۈشۈرۈلدى

پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش ھەققى بېلەت قىممىتىنىڭ %5 گە چۈشۈرۈلدى

2011-09-17 11:58:30 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
25-سېنتەبىردىن باشلاپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش ھەققى ئۆلچىمىنى چۈشۈرىدۇ، ھەمدە 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى بارلىق چاقماق پويىزلارنىڭ بېلىتى توردا سېتىلىدۇ. يېڭى بېكىتىلگەن بېلەت قايتۇرۇش ھەققى بەلگىلىمىسىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: پويىز مېڭىشتىن بۇرۇن، بېلەتنى قايتۇرغاندا ئېلىنىدىغان ھەق ئەسلىدىكى بېلەت باھاسىنىڭ %20 دىن %5 گە چۈشۈرۈلىدۇ. قايتۇرۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 2 يۈەن بولىدۇ.
9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە چاقماق پويىزلارنىڭ بېلىتى قەدەممۇ قەدەم توردا سېتىلىشقا باشلايدۇ. تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچىلارغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن مەملىكەتلىك تۆمۈر يول يولۇچىلار مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ تېلېفونىنى 12306 دەپ بىرلىككە كەلتۈردى، يولۇچىلار مەملىكەتلىك تۆمۈر يول يولۇچىلار مۇلازىمىتى مەركىزى تور بېكىتى www.12306.cn ياكى 12306 تېلېفونى ئارقىلىق پويىزنىڭ قېتىم سانى، ۋاقتى، بېلەت باھاسى، ئارتۇق بېلەت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلىسە بولىدۇ.
 
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ