ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> شەھەرلەرنى چېقىش،كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشتىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ

شەھەرلەرنى چېقىش،كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشتىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ

2011-09-17 12:00:53 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
 كۈز پەسىللىك يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، شەھەرلەرگە كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگەن جايدا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدا ھەقسىز تەربىيەلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ مۇنۇلار تەكىتلەندى: «شەھەرلەرنى چېقىش كۆچۈرۈش، مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىللە كۆچۈرۈلگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشتىن قېلىپ قېلىشىغا بولمايدۇ.»
 ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شەرتكە توشىدىغان بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەز ئاجراتقان مەخسۇس تەقدىرلەش مەبلىغى بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەر بىر قەدەر كۆپ رايون ۋە مەكتەپلەرگە ئىشلىتىلىدۇ؛ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇيالماي قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇشقا كىرىش شەرتىگە توشقان بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەردىن ئوقۇش پارچە ھەققى ئېلىنمايدۇ، ھەمدە ئوقۇپ تۇرۇش ھەققى ئېلىشقا بولمايدۇ. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنى ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قېلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ