ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

«جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2011-09-17 12:02:32 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
6-سنېتەبر «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» دېگەن ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، مەملىكەت ئىچى سىرتىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. تۈنۈگۈن «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» سۆھبەت يىغىنى دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت كومىسسارى دەي بىنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىنچ تەرەققىي قىلىش- جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە خەلقنى بېيىتىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچلىقى، ئورتاق گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتىكى زۆرۈر يول. بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭماقتا. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى يېڭى ئۇلۇغ ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى- دۇنياغا خىرىس بولماستىن بەلكى پۇرسەت، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا مۇھتاج.
سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو خەلقىگە، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەستىن مېڭىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىنچ، ئورتاق گۈللەنگەن ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ