ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> دۆلەتلىك ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى مەبلىغى كۆپەيتىلدى

دۆلەتلىك ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى مەبلىغى كۆپەيتىلدى

2011-09-17 12:03:40 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم

2009-يىلى 7-ئايدا باشلانغان دۆلەتلىك ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى- ئىلىمىزدىكى مەنپەئەتلەنگەن ئامما ئەڭ كەڭ بولغان ئاممىۋى سەھىيە ئارىلىشىش ئىستراتېگىيەسى. سەھىيە مىنىستىرى چىن جۇ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، مەركەز مالىيەسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 35 مىليارد يۈەن، يەرلىك 30 مىلياردتىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى. چىن جۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر قەدەمدە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ تۈزۈملىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۈرۈشلەشكەن راسخوتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەت گەۋدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ خىزمەت تەقسىماتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس ئاممىۋى سەھىيە ئاپپارات ئورگانلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش؛ مۇلازىمەت سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈر ئۈنۈمنى باھالاش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. 

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ