،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەملىكەت >> ‹‹مەن ئىنكاس قىلغان قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولدى››

‹‹مەن ئىنكاس قىلغان قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولدى››

2011-02-18 23:45:04 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:2قېتىم
  

— بىر مېيىپنىڭ زۇڭلى ۋېن جياباۋغا يازغان خېتى

    ‹‹زۇڭلى، ياخشىمۇ سىز! ئالدى بىلەن سىزگە بىر خۇشخەۋەر يەتكۈزمەكچىمەن، مەن سۆھبەت يىغىنىدا ئىنكاس قىلغان، ئىش ئۈستىدە يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر(يۇلۇنى زەخىملەنگۈچىلەر)نى ئۇزاقتىن بۇيان قىيناپ كەلگەن، بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تازىلىق بۇيۇمى مەسىلىسى ئالدى بىلەن بېيجىڭدا ھەل قىلىندى››.

    بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدىدا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق مېيىپلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى نەن يازغان خەتنى تاپشۇرۇۋالدى.

    بۇ گەپنى بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئاشۇ سۆھبەت يىغىنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

    ۋېن جياباۋ 2010 – يىلى 31 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى مەيزىديەن كوچىسى زاۋيىڭبېيلى مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، كوچا كادىرى، مەھەللە خىزمەتچىسى، مېيىپ، دېھقان ئىشلەمچى، ئىستۇدېنت، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق 13 ئامما ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان.

    ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا زۇڭلى ۋېن جياباۋ تۇنجى بولۇپ ئىسمىنى ئاتىغان لى نەن: ‹‹يۇلۇنى زەخىملىنىپ، بېلىنىڭ تۆۋىنى پالەچ بولۇپ قالغانلار چوڭ – كىچىك تەرىتىنى تۇتالمىغاچقا، بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تازىلىق بۇيۇمىغا موھتاج بولماقتا، بۇنىڭغا ئايدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ، مېنىڭ مېيىپلىك ياردەم پۇلۇم 2000 يۈەن، ئاتا – ئانامنىڭ پېنسىيە پۇلىغا تايىنىپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن››، دەپ كۆڭلىدىكى سۆزىنى ئېيتقان. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە پىسخىكا ساغلاملىقى مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ دورا مۇندەرىجىسى ۋە قوشۇمچە بۇيۇم – سايمانلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنىڭ بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلى ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى تەكلىپ قىلغان.

    ۋېن جياباۋ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ تەكلىپكە بىرمۇ بىر ئىخچام جاۋاب بەرگەن ھەم: ‹‹لى نەننىڭ ئېيتقىنى شەخسىي مەسىلىلا ئەمەس. مېيىپلەر ئېلىمىزدىكى ناھايىتى چوڭ توپ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇققا ئېرىشىشى، پۈتكۈل جەمئىيەت مېيىپلەرگە كۆيۈنۈشى كېرەك. <ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى>نى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشىمىز ۋە تولۇقلىشىمىز كېرەك››، دېگەن.

    2010 – يىلى 5 – مارت زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىۋاتقانلىقىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەن لى نەن: ‹‹1996 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر <كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش چارىسى> يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىش ئۈستىدە يارىلانغان 1 مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ››، ‹‹مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ››، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ چەكسىز ھاياجانلاندى.

    لى نەن بىر يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ، بۇ يىل 20 – يانۋار زۇڭلى ۋېن جياباۋغا خەت يېزىپ: ‹‹تەكلىپىمنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزدىن، تەكلىپىمنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم! بۇ، مېيىپلەرگە باراۋەر، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، قاتنىشىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى، ئادەم ئاساس قىلىنغان سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. مەن پارتىيە، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە ئاممىغا چەكسىز تەشەككۈر ئېيتىمەن››، دېگەن.

    لى نەننىڭ زۇڭلىغا بەرگەن تەكلىپى بىر يىلدىن بۇيان بېيجىڭ شەھىرىدىن گوۋۇيۈەنگىچە قەدەممۇ قەدەم ‹‹جاۋاب››قا ئېرىشتى.

    2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 2010 – يىلى 1 – ئىيۇندىن باشلاپ بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، سۈيدۈك ئۆتكۈزمەيدىغان سېلىنچا، زاكا، كالتە ئىشتان، سۈيدۈك ماڭغۇزۇش خالتىسىدىن ئىبارەت تۆت خىل بۇيۇمنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئىش ئۈستىدە يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سۇغۇرتا ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈدىغانلىقىنى، نورمىلىق ئاتچوت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    بۇ يىل 12 – يانۋار ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىلگىرىكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلار قاتارلىقلارنى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش قارار قىلىندى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ۋاقىت جەدۋىلىنى كۆرسەتتى.

    لى نەن زۇڭلىغا يازغان خېتىدە: ‹‹بەزى جايلار مېيىپلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە پەرۋىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. لېكىن، بۇ تەدبىر ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلمىدى، بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن مېيىپلەرمۇ كۆپ ئەمەس. مەن مۇشۇ مېيىپلەرگە ۋاكالىتەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشنى قوللاپ، سىياسەت ۋە تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىدىغان قاتلامغا كۆتۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئىززەت – ھۆرمەتلىك، تېخىمۇ قەدىر – قىممەتلىك ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن››، دېگەن.

    بۇ، بىر مېيىپ ياشنىڭ سەمىمىي تەكلىپى، شۇنداقلا ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولغان سان – ساناقسىز مېيىپنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى.

    زۇڭلى ۋېن جياباۋ 31 – يانۋار لى نەننىڭ خېتىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، خەتتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويدى ھەم بۇ خەتنى گوۋۇيۈەنىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە بېيجىڭ شەھىرىگە: ‹‹ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولغانلارنى قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقتىن خالاس قىلىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلىڭلار››، دەپ تەستىق سېلىپ ئەۋەتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – فېۋرال تېلېگراممىسى)

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ