ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> شىنجاڭدا كۆچمە نوپۇسلار يەرلىك ئاھالە بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ

شىنجاڭدا كۆچمە نوپۇسلار يەرلىك ئاھالە بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ

2011-10-03 02:46:12 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم

1-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن شىنجاڭدا 20 نەچچە يىل يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنىڭ ئورنىغا كۆچمە نوپۇسنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى يولغا قويۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلدى، كۆچمە نوپۇس ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىلەن ئۆز يېرىدە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كىنىشكا شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە كۈچكە ئىگە.

1-ئۆكتەبىر يولغا قويۇلغان« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كۆچمە نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار ئىچىدىكى كۆچمە نوپۇس ھازىر تۇرۇۋاتقان جايىغا كەلگەن ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە كىملىكى ياكى باشقا ئۈنۈملۈك سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى ۋە تۇرالغۇ ئىسپاتىنى ئېلىپ، شەھەر مەھەللە باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىشقا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇ كىنىشكا ئىقتىدارىنى كۆپەيتىش تەلىپى بويىچە، مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار كۆچمە نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندا كۆچمە نوپۇسنى يەرلىكتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىدىن ۋە ئىختىساسلىق خادىملارنى كىرگۈزۈشتىكى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە كۈچگە ئىگە بولىدۇ، يەنى شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىپ، كېيىن تۇرالغۇ جايىڭىز ئۆزگەرسە، يەرلىك مەھەللە باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ ئىمزا قويسىڭىزلا بولىدۇ، قايتا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆچمە نوپۇس يىلمۇ يىل كۆپىيىپ، 2010-يىلغا بارغاندا 6 مىليون 90 مىڭغا يەتتى، بۇ شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تۆتدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ