ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> تايلاند بىلەن كامبودژا ئارمىيەلىرى يەنە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان چېگرا رايونىد

تايلاند بىلەن كامبودژا ئارمىيەلىرى يەنە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان چېگرا رايونىد

2011-02-18 23:41:56 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:8قېتىم
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

تايلاند بىلەن كامبودژا ئارمىيەلىرى 16-فېۋرال ئەتىگەندە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان چېگرا رايونىدا توقۇنۇشتى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ 4-ئايدىن بۇيان ئالتە قېتىم توقۇنۇشى. ئالدىنقى قېتىمدىكى توقۇنۇش 14-فېۋرال كەچتە بولغانىدى. ئىگىلىنىشىچە: تايلاندنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گەنتالالا ناھىيەسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى شۇ يەر ۋاقتى 16-فېۋرال ئەتىگەن سائەت ئۈچلەردە ئوق، بومبا ئاۋازىنى ئاڭلىغان. توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندىكى تايلاند ئاھالىلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان، ھازىر ئۆلگەن يارىلانغانلار ھەققىدە تېخى خەۋەر يوق.

كامبودژانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 14-فېۋرال تايلاند بىلەن كامبودژا چېگرا توقۇنۇشى ھەققىدە يېپىق كېڭەش يىغىنى ئاچتى. تايلاندنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋەزىرى سۆھبەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، چېگرا تالاش-تارتىشىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ