ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تايلاند باش ساقچى تەپتىشى سۆھبەتلەشتى

جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تايلاند باش ساقچى تەپتىشى سۆھبەتلەشتى

2011-10-26 01:44:22 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىنفېڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 24-ئۆكتەبىر تايلاندنىڭ باش ساقچى تەپتىشى پياۋ فەن بىلەن مېيگوڭ دەرياسىدا جۇڭگونىڭ پاراخوت خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
جاڭ شىنفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى 5-ئۆكتەبىر جۇڭگو پاراخوت خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى پاش قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تايلاندقا بېرىشى- تايلاند ساقچىلىرى بىلەن دېلونى تەكشۇرۇش خىزمىتىگە زىچ ھەمكارلىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دېلونى پاش قىلىش خىزمىتىنى بالدۇرراق تاماملاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاشنى ئۈمىد قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
پياۋ فەن مۇنداق دېدى: تايلاند ساقچىلىرى 5-ئۆكتەبىر ۋەقەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، باش شتاپتىن ئالىي ئوفىتسېر ۋە جىنايى ئىشلار رازۋېدكا مۇتەخەسسىسلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ بۇ دېلونى پاش قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتۇردى، جۇڭگو ساقچىلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، پاش قىلىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بالدۇرراق جۇڭگوغا ئۇقتۇرىدۇ.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ