ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> رۇسىيەدىكى ئايرودرومنى پارتلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى

رۇسىيەدىكى ئايرودرومنى پارتلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى

2011-02-03 19:16:48 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:64قېتىم
  

دومودېدوۋو ئايرودرومىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى

    رۇسىيە تەھقىقلەش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋلادىمىر مالگىننىڭ 29–يانۋار ئېيتىشىچە ، رازۋېتكا خادىملىرى پايتەخت موسكىۋادىكى دومودېدوۋو ئايرودرومىنى پارتلىتىش دېلوسىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغان بولۇپ ، دېلو سادىر قىلغۇچى شىمالىي كاۋكاز رايونىدىن كەلگەن 20 ياشلىق ئەر ئىكەن .

    مالگىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى دېلو سادىر قىلغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات بىلەن تەمىنلىمىگەن .

    دومودېدوۋو ئايرودرومىدا 24–يانۋار پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، دېلو سادىر قىلغۇچى خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كۈتۈش زالىغا كېلىپ ، بومبىنى پارتلاتقان . پارتلاشتا ، 35 ئادەم قازا قىلغان ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .

24–يانۋار ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى پارتلاشتا يارىلانغانلارنى قۇتقۇزماقتا

   رۇسىيە تەھقىقلەش كومىتېتىنىڭ قارىشىچە ، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ مۇھىم نىشانى چەت ئەللىكلەر ئىكەن . مالگىن: تەھلىللەرگە قارىغاندا تېررورچىلار ھۇجۇمنى چەت ئەللىكلەرگە قاراتقان ، دېدى .

    رۇسىيە خەلقئارا ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، نۆۋەتتە ، ساقچى تەرەپ پارتلىتىش دېلوسىدىكى مۇھىم جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ ،  ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان .

   رۇسىيە ‹‹ سودىگەرلەر گېزىتى››نىڭ ساقچى تەرەپنىڭ 27–يانۋاردىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە ، ۋىتال رازدوبۇجىكې ئىسىملىك بىر ئەر بۇ قېتىمقى ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى بولۇپ ، ئۇ شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات ‹‹ نوغاي ئىسلام دىن تارقتىىش جەمئىيىتى›› نىڭ ئەزاسى ئىكەن .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ