ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> «ب د ت چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى 4-قېتىم تۈزگۈچى دۆلەتلەر يىغىنى ئېچىلدى

«ب د ت چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى 4-قېتىم تۈزگۈچى دۆلەتلەر يىغىنى ئېچىلدى

2011-10-26 01:50:18 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم

بەش كۈن داۋاملىشىدىغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى تۆتىنچى قېتىم تۈزگۈچى دۆلەتلەر يىغىنى تۈنۈگۈن ماراكەشتىكى قەدىمىي شەھەر ماراكەشتە ئېچىلدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ليۇ جېنمىن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»غا ئەمەل قىلىش ئەھۋالى قاراپ چىقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەنە چېرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قانداق قىلىپ چېرىك ئۇنسۇرلار چېگرا سىرتىغا ئېلىپ كەتكەن مال مۈلۈك ھەمدە تېخنىكا ياردىمىنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. ليۇ جېنمىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھدىنامىغا پائال ئەمەل قىلىپ، چېرىكلىكنى ئومۇميۈزلۈك جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە ئەھدىنامىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش مېخانىزىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نىڭ ئۈنۈملۈك، ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ