ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> لىۋان پىرېزىدېنتى توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ۋە تىنچلىقنى قوغداش مېخانىزىمى ئورنىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

لىۋان پىرېزىدېنتى توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ۋە تىنچلىقنى قوغداش مېخانىزىمى ئورنىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2011-10-26 01:54:28 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
لىۋان پىرېزىدېنتى سۇلايمان تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ۋە تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. سۇلايمان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈنىنى خاتىرىلەش پەيتىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زور كۆلەمدە ئىسلاھ قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن ھازىر يەنىلا دۆلەتلەر ئارا ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم خەلقئارا ئاپپاراتقا ئايلىنىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئادىل، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىق ئاساسىدا، تىنچلىقنى قوغداش خىزمىتى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
1945-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلغان. 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ