ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> ئىسرائىلىيە مىسىر بىلەن تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

ئىسرائىلىيە مىسىر بىلەن تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

2011-10-26 01:54:55 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياخۇنىڭ ئىشخانىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىرنىڭ تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە مىسىر تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك جاسۇس ئېلان گېلافېرغا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مىسىرلىق 25 كىشىنى ئالماشتۇرىدۇ. ئىسرائىلىيە كابېنتى بۈگۈن بۇ كېلىشىمنى تەستىقلايدۇ. گېلافېر ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا گىراژدانى بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا مىسىر بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. مىسىر ئۇنى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە بۇ يىل مىسىردا مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندە مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن ئىسرائىلىيە بۇ ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلغان. يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پائال ياراشتۇرۇپ، گېلافېرنى قويۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئىدى.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ