ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> سەنيا مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن كەپىلىك مەھەللە ئاممىسغا تۆلەم بېرىشنى رەت قىلدى

سەنيا مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن كەپىلىك مەھەللە ئاممىسغا تۆلەم بېرىشنى رەت قىلدى

2011-02-18 23:41:54 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:5قېتىم
  سەنيا مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن كەپىلىك مەھەللە ئاممىسغا تۆلەم بېرىشنى رەت قىلدىسەنيا مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن كەپىلىك مەھەللە ئاممىسغا تۆلەم بېرىشنى رەت قىلدى، ئەگەر تۆلەم بەرسەك تۈگىمەس بالاغا قالىمىز دېدى
شىنخۇ تورى 15-فېۋرال خەينەن ئۆلكىسى سەنيا (三亚) دىن خەۋەر قىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ « جۇڭگو تور ئىشلىرى » سەھىپىسىنىڭ 12-فېۋرال تارقاتقان « سەنيادىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار كەپىلىكىنى مەجبورىي چېقىۋېتىش ۋەقەسى نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش » كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان. سەنيا شەھىرى ئۇنۋېرسال ھۆكۈمەت قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى 14-فېۋرال كەچ بۇ ۋەقەگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان، بۇ ئىدارە تەمىنلىگەن   « سەنيادىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار كەپىلىكىنى مەجبورىي چېقىۋېتىش ۋەقەسى نى تەكشۈرۈش دوكلاتى » دا چېقىش ئەھۋالىغا قارىتا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ كەپىلىك رايونىدا ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەسىلە بار، مۇھىتى بۇلغانغان، باشقۇرۇش تەس بولۇش قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئامىلنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئەگەر ئۆيى مەجبۇرىي چېقىلغان ئاممىغا تۆلەم بەرسەك مۇقەررەر « تۈگىمەس بالاغا قالىمىز » دېگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا دېيىلىشىچە، سانيا شەھىرى سۇمرۇغ بازىرى مانگو كەنتى (芒果村) دىكى ئەڭ چوڭ كەپىلىك رايون ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى سىرتتىن كەلگەنلەر ئۆزى ئاددىي كەپە قۇرۇپ چوشقا باققاندىن كېيىن شەكىللەنگەن، بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ كەپىلەر قۇرۇلمىسى ئاددىي، شەكلى كۆپ خىل ھەمدە ئاددىي كەپىلەردە چوشقا بېقىش، قونۇش، ئوت قويۇپ تاماق ئېتىش ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى دۆۋىلەش بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ناھايىتى چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپى بار ئىكەن.
بىرلا ۋاقىتتا، بۇ كەپىلىك رايوننىڭ تازىلىق مۇھىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ھېچقانداق پاسكىنا سۇ چىقىرىش تەدبىرى يوق، ئەخىلەتلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان، چوشقا مايىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان، كېرەكسىز سۇلار ئېقىپ تۇرغان، سېسىپ كەتكەن بولۇپ، ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىدىكەن.
دوكلاتتا بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان كەپىلىكلەر رايونى شەھەر باشقۇرۇش نىزامنامىسىگە خىلاپ بولۇپ، سەنيانىڭ خەلقئارالىق ساياھەت شەھىرى قۇرۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا تەلتۆكۈس تازىلاشنى قارار قىلغانلىقى دېيىلگەن.
سەنيا شەھىرى 2010-يىلى 11-ئايدا كەپىلىك رايونىدىكى ئاممىغا ئۆزلىكىدىن چېقىۋېتىش ھەمدە كۆچۈپ كېتىش ئۇقتۇرىشى تارقاتقان ھەمدە بەلگىلىك مۆھلەت بەرگەن. بۇ مەزگىلدە، ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان، يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە مەخسۇس سودىگەر ئەۋەتىپ بارلىق چوشقىلارنى سېتىۋالغان. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سەنيا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى كەپىلىكلەر رايونىنى ئىككى قېتىم چاققان.
سەنيا شەھەرلىك ئالاقىدار تارماقلار مەسئوللىرى گەرچە ئۇلار نامرات ئامما بولسىمۇ، ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىسىمۇ، ئەمما ئۇلار سىرتتىن كەلگەن، سەنيادا ئۇزۇن مۇددەت بەلگىلىمىگە خىلاپ كەپە ياسىغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى تۆلەم بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى، بولمىسا موشۇنداق كەيپىيات پەيدا قىلىپ قويۇپ، « تېگى يوق ھاڭ » شەكىللەندۈرۈپ تۈگىمەس بالاغا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: شىنخۇا تورى
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ