ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> خەلقئارا جەمئىيەت خ ئا ئې ئو نىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇردى

خەلقئارا جەمئىيەت خ ئا ئې ئو نىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇردى

2011-11-10 13:15:42 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 8-نويابىر كەچتە ۋېنادا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى مەسىلىسىگە بەك دىققەت قىلدۇق دېدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئاز دېگەندە 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىران يادرو پارتلىتىش قۇرۇلمىسىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن سىستېمىلىق، تەشكىللىك شۇغۇللىنىپ كەلگەن. بۇ-ھازىرغىچە بۇ ئورگاننىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكى ھەققىدە بىلدۈرگەن ئەڭ ئېنىق ئىپادىسى، لېكىن دوكلاتتا ئىراننىڭ نۆۋەتتە يادرو قورالى ياسىماقچى بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ دوكلاتقا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇردى.

ئىران پىرېزىدېنتى ئەھمەد نىجاد مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراننى يادرو قورال ياسىدى دەپ ئەيىبلىدى، لېكىن ئىران يادرو قورالىغا موھتاج ئەمەس، بۇ دوكلات ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىران تاشلىغان قەدىمىنى ئاستىلاتمايدۇ، ئارقىغا تېخىمۇ چېكىنمەيدۇ.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىر ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمىتىمىز بۇ دوكلاتنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، كېيىنرەك دوكلاتقا رەسمىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋىكتورىيە نيۇلاند مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ دوكلاتىنى تەتقىق قىلىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكا دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا ھەر قانداق باھا بېرىشنى رەت قىلىدۇ.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ دوكلاتى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، رۇسىيە بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى ھەم گاڭگىراپ قالدى. رۇسىيە ھازىر ئاممىغا بۇ دوكلاتنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقى ھەققىدىكى گۇمانىنى ئاشكارىلىدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ دوكلاتنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ شۇنداقلا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى پات ئارىدا ئاچىدىغان ئالاقىدار يىغىندا رۇسىيەنىڭ يۇقىرىقى قارىشىنى شەرھلەيدۇ.

بۇندىن باشقا، فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇپپى، گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋېستىرۋېللى مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىران دوكلاتتا ئېيتقاندەك، يادرو قورال پىلانىغا قايتىدىن كۈچىگەن بولسا، ئىراننى يەنىمۇ جازالاشقا تەييارلىق قىلىمىز.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ