ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا پارتىيەلىرى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى بريۇسسېلدا يېپىلدى

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا پارتىيەلىرى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى بريۇسسېلدا يېپىلدى

2011-11-10 13:16:02 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا پارتىيەلىرى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى 9-نويابىر بريۇسسېلدا يېپىلدى. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ باش تېمىسى-جۇڭگونىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى بىلەن ياۋروپانىڭ 2020-يىلىغىچە بولغان ئىستراتېگىيەسى، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىر بولدى، يىغىن قاتناشچىلىرى بۇ ھەقتە سەمىمىي چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇھاكىمە قىلدى شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنيا دۇچ كەلگەن خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
ياۋروپا پارلامېنتى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: گەرچە ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا بىر قىسىم مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراشلار ساقلانغان بولسىمۇ، لېكىن مۇنبەر يىغىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى سەمىمىي مۇزاكىرە قىلدى، بۇ-ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ