ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> رۇسىيە سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى

رۇسىيە سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى

2011-11-10 13:17:38 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى 9-نويابىر تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى توختىتىپ، دەرھال تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى. باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى ئىجابىي تەدبىر قوللىنىش، سۆزلىشىشكە قارشى تۇرماسلىققا دەۋەت قىلدى.
لاۋروۋ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ئالاقىدار تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. بۇ تەشەببۇس-سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆزلىشىشىگە ئەمەلىي سەھنە ھازىرلاپ بەردى شۇنداقلا سۇرىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا يول ئاچتى.
ئەرەبى مۇنداق دېدى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇرىيەنىڭ ئىچكى كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تېرىشىدۇ
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ