ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> ئاقساراي قوشما شىتات ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

ئاقساراي قوشما شىتات ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

2011-11-10 13:21:24 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 9-نويابىر قوشما شىتات ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسراپچىلىك ھادىسىسىنى ئازايتىش، چىقىمنى قىسقارتىش، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىش بېجىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى مەقسەت قىلغان بىر مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىمزالىدى. ئاقساراي مۇنداق دېدى: قوشما شىتات ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى كەلگۈسى 45 كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ چىقىمنى ئازايتىش پىلانىنى تۈزۈپ، 2013-مالىيە يىلىدا قوشما شىتات ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى ساھەلەردىكى ئومۇمىي چىقىمىنى 2010-مالىيە يىلدىكىسىدىن %20 ئازايتىدۇ.
بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق-ئوبامانىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەت مەجلىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش، مەمۇرىي ۋاسىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئىقتىساد، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى. ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان 447 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاقساراي ئارقا-ئارقىدىن بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى چىقاردى، بۇلار ئۆي قەرزى بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىش، رېتسىپلىق دورىلارنىڭ يېتىشمەسلىك كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ