ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> يەمەن ھاكىمىيەت دائىرلىرى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئىمزالىماقچى بولغان كېلىشىمنى بىكار قىلدى

يەمەن ھاكىمىيەت دائىرلىرى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئىمزالىماقچى بولغان كېلىشىمنى بىكار قىلدى

2011-11-10 13:22:36 مەنبە:ئايزىبا تورى كۈرىلىشى:2قېتىم
يەمەننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارى 9-نويابىر مۇنداق دېدى: بىز بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەسلىدە 10-نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆكتىچىلەر بىلەن ئىمزالىماقچى بولغان پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يەمەن كىرىزىسىنى پەسەيتىش ھەققىدىكى ياراشتۇرۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسى باش كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى سۇلتان بۇلكانى مۇنداق دېدى: بارلىق ئىختىلاپلار تولۇق ھەل قىلىنغان ئەھۋالدىلا، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە ئاندىن ئۆكتىچىلەر بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئىختىلاپلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەشكىللەش، جەنۇب مەسىلىسى قاتارلىق تەرەپلەرگە مەركەزلەشتى.
ئۆكتىچىلەر بولغان مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ باياناتچىسى خۇرىيا مەشخۇل شۇ كۈنى ئۆكتىچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-نويابىر ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە بىلەن رىيادتا پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا تەييارلىنىپ بولدى دېدى.
پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ