ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> خەلىقئارا >> جەنۇبىي ئافرىقا كۆچمەنلەر سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلماقچى

جەنۇبىي ئافرىقا كۆچمەنلەر سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلماقچى

2011-02-27 16:38:42 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:5قېتىم
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننېسبورگ، 23 – فېۋرال تېلېگراممىسى. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئاممىۋى قۇرۇلۇش مىنىستىرى گۋىن ماخرانگو بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرماقچى، دېدى.

    ماخرانگو مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى ياكۇپ زۇما تۈزگەن ھەر يىلى ئىقتىسادنى %7 ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ھالبۇكى، جەنۇبىي ئافرىقا ھازىر ئوتتۇرا قاتلامدىكى تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىل بولۇش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى.

    جەنۇبىي ئافرىقا ئالىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مىنىستىرلىقى تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى بەش يىل تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزدى، پىلان بويىچە بەش يىلدا 70 مىڭ ئىنژېنېر ۋە تېخنىلىق ئىشچى تەربىيەلەنمەكچى. جەنۇبىي ئافرىقا ئالىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىدا ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن 100 مىڭى كەمچىل ئىكەن.

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ