،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ساقلىۋېلىڭئاپتۇماتىك سۆز قالدۇرۇڭ
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنجاڭ >> ش ئۇ ئا ر دىكى 14 تۆمۈر يولنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

ش ئۇ ئا ر دىكى 14 تۆمۈر يولنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2011-02-27 16:37:47 مەنبە:ئىنتىرنىت كۈرىلىشى:4قېتىم
  

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ قۇمۇل تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، خۇڭليۇخېدىن يەندۇنغىچە بولغان ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان بېتىراما چوڭ كۆۋرۈكىنى ياساش قۇرۇلۇش مەيدانىدا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بېتۇن قويۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ كۆۋرۈك ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆۋرۈكنىڭ جازىسىنى ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە ئاساس سالدى.

2011-يىلى «12-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى داۋاملىق سىجىل ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاش بىلەن بىللە، كورلا-ئاقسۇ 2-لىنىيەسىنىڭ بۈگۈردىن ئاقسۇغىچە بولغان بۆلىكى، قۇمۇل يۈك تىرانسپورت پويىزىنىڭ جەنۇبىي ئايلانما لىنىيەسى قاتارلىق يەتتە تۈردىكى 1291 كىلومېتىرلىق يېڭى لىنىيەدە قۇرۇلۇش پات ئارىدا تاماملىنىدۇ؛ قۇمۇل-لوپنۇر تۆمۈريولى، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ 2-قوش لىنىيەسى قاتارلىق يەتتە لىنىيەنىڭ 14 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ؛ ئۈرۈمچىنىڭ تۆمۈريول تۈگۈنىنى كېڭەيتىش-ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، قورغاس تۆمۈريول پورت بېكىتى، قۇمۇل-جاڭجۈنمياۋ تۆمۈر يولى قاتارلىق قۇرۇلۇش باشلىغان 11 تۈرنىڭ تەتقىقات، ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈريول تور يىرىك پىلانى» ۋە تۆمۈريول مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يىغىن خاتىرىسى»نىڭ روھىغا ئاساسەن، «12-بەش يىل»دا، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا 120 مىليارد يۈەندىن 150 مىليارد يۈەنگىچە مەبلەغ سېلىنىدۇ. 2015-يىلىغا بارغاندا، تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 8200 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، ھازىرقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ؛ 2020-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يولى «ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدىغان، سىرتقا تۇتاشقان تۆت چوڭ يولى ۋە ئالتە تۆمۈريول پورتى بىلەن تۆت تۆمۈريول تۈگۈنى بار» ئاساسىي رامكىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 

پىكىر يوللاش
ئىسمىڭىز:
پىكىر:
تەستىق نۇمۇر:
جەمى 0 كىشى مەزكۇر تېمىغا باھا يوللىغان ھەممىنى كۈرۈش (پىكىر پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارىشى،بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوق )
قوللىغانلار
بىز كىم - ئالاقىلشىڭ